خارۋارد ۋە بوستون ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى 3 كىشى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.01.29

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى بىلەن بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بوستوندىكى بىر مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەيدىغان ئىككى خىتاي تەتقىقاتچىنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ماساچۇسېتتىس شتاتىدىكى رايونلۇق فېدېراتسىيە تەپتىشى 28‏-يانۋار كۈنى بۇ كىشىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىدە يالغانچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ 3 كىشىنىڭ بىرى پروفېسسور چارلىئېس لېيبېر بولۇپ، ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ۋە بىئوخىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئىكەن.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارى پروفېسسور لېيبېرنى خىتايدىن پۇل ئالغانلىقى، ئۇنىڭ «مىڭ تالانت پروگراممىسى» غا قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى يوشۇرۇپ، يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. خەۋەردە، قالغان ئىككى كىشىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى، يې يەنچىڭ ئىسىملىك خىتاينىڭ بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا روبوت، يەنى ماشىنا ئادەم تەتقىقاتچىسى، جېڭ زاۋسوڭ ئىسىملىك يەنە بىرىنىڭ بوستوندىكى بەت ئىسرائىل دېكونېس مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ راك تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە چارلىئېس لېيبېر بىلەن جېڭ زاۋسوڭ تۇتقۇن قىلىنغان، لېكىن يې يەنچىڭ ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن خىتايغا كېتىۋالغان. ئۇلاردىن جېڭ زاۋسوڭ ئۆتكەن ئايدا بىر تەتقىقات ئەۋرىشكىسىنى ئوغرىلاپ، خىتايغا قاچماقچى بولغاندا تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

ماساچۇسېتتىس شتاتىدىكى رايونلۇق فېدېراتسىيە تەپتىشى ئاندرېۋ لېللىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا مەزكۇر جاسۇسلۇق ۋەقەسىنى «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغان ھەرىكەتتۇر» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يې يەنچىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ لېيتىنانتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سالاھىيىتىنى يوشۇرغانىكەن. ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارى بۇ ئىككى خىتاي پۇقراسىنى چەتئەل ھۆكۈمەت ئاگېنتى، دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.