خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنى ئۇيغۇر قاتارلىق تىللارنى بىلىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن خادىم قوبۇل قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.02.21

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، قازاق تىللىرى ۋە بىر قىسىم چەتئەل تىللىرىنى بىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزلىرىگە خادىم بولۇپ ئىشلەشكە جەلپ قىلىشقا باشلىغان.

«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 19 - فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەقتىكى بىر خىزمەت ئېلانى شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىگە چاپلانغان. خەۋەردە ئېلاننىڭ قاچان چاپلانغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېلاننىڭ چاپلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تور بەتتىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئېلاننىڭ تور يۈزىدىن تارتىلغان رەسىمىگە قارىغاندا، كاندىداتلارنىڭ 2016 - ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تاللىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تولۇق كۇرس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن باشقا، «كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان»، «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قىزغىن سۆيىدىغان» بولۇشى شەرت قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئېلاننى شاڭخەي شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى چىقارغان. گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن مەكتەپ خىزمەت تونۇشتۇرۇش ئورنىدىكى خې خانىم ئېلاننىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ۋە كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلغانلىقنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە شاڭخەي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ ھەر يىلى ئۇلار بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىشىدا ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغانلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى تەقىبلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.