ئامېرىكىدىكى بىر خىتاي ئامېرىكا سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ زاپچاسلىرىنى خىتايغا سېتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.06.22

ئامېرىكا سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ زاپچاسلىرىنى خىتايغا ساتقان ئامېرىكىدىكى بىر شىركەتنىڭ خىتاي باشلىقى «ئەتكەسچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق چېن شۇرېن ئىسىملىك خىتاي پۇقراسى ۋىزىدا ساختىپەزلىك قىلىش، ئامېرىكا ئېكسپورت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بوستون شەھىرىدىكى بىر فېدىراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان.

خەۋەردە 41 ياشلىق بۇ خىتاينىڭ پەيشەنبە كۈنى قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە جۈمە كۈنى سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاپ، ئۇنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي پايدىسى ۋە ھەربىي مەقسەتلىرىگە ئىشلىتىشى ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. پرېزىدېنت ترامپ سايلام مەزگىلىدە بۇنىڭغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چېن شۇرېننىڭ بىر قانچە شىركىتى بولۇپ، ئۇ مەخسۇس ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن سۇ ئاستى تېخنىكىسىغا ئالاقىدار ئەسۋابلارنى ئىمپورت قىلىدىكەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە ئۇنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ ئىچىدە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمى، خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تەپتىش خادىملىرى چېن شۇرېننىڭ 2015‏-يىلدىن 2016‏-يىلغىچە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەتقىقات ئورنى بولغان غەربىي-شىمال تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا سۇ ئاستىدا ئاۋاز كۆزىتىشكە بولىدىغان 78 دانە ھىدرولۇق تېلېفون سېتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەپتىش خادىملىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.