خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقى سىياسىي كېڭەش ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.02.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنى - دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جيەن خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ما جيەننىڭ ئەزالىقتىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىل يانۋاردا ما جيەننىڭ پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ما جيەن سابىق خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جۇ يۈڭكاڭدىن كېيىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي بىخەتەرلىك ئەمەلدارى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ما جيەننىڭ تەكشۈرۈلۈشى خىتاينىڭ مەزكۇر ك گ ب سىمان جاسۇسلۇق ئورگىنىدا زور تەۋرىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

لېكىن، ما جيەننىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە ئۇنىڭ كونكرېت قانداق پارىخورلۇق ھەرىكىتى سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 8 - ئىدارىسىغا مەسئۇل ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 8 - ئىدارە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى بولۇپ، ئۇ، چەتئەللىكلەرنى تەقىپ قىلىش، دىپلومات، سودىگەر ۋە ژۇرنالىستلارنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ئىكەن.

خوڭكوڭ «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى» ما جيەننىڭ سابىق خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىشخانا مۇدىرى لىڭ جىخۇا بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لىڭ جىخۇا يېقىندا پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.