ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا ياشايدىغان بىر خىتاي ئايال جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان
2016.04.23
ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا ياشايدىغان بىر خىتاي ئايال ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن سېتىۋالغان دېڭىز ئاستىنى ئادەمسىز تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى زاپچاسلىرىنى خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتقا يوللاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن 21 - ئاپىرىل جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
«خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈ ئامىن ئىسىملىك بۇ خىتاي ئايال ئەسلى خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ، مەزكۇر مەكتەپتە 1998 - يىلى ئامېرىكىغا كەلگۈچە ئىشلىگەن.
لېكىن يۈ ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 2002 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىدىن زاپچاس سېتىۋېلىشقا باشلىغان. كېيىن مەزكۇر زاپچاسلارنى پوچتا ئارقىلىق خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ياساش پروگراممىسىغا مەسئۇل بولغان خاربىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر پروفېسسورىغا يوللاپ بەرگەن.
ئۇ تاموژنا ھۆججەتلىرىگە يالغان ئۇچۇرلارنى تولدۇرغان.
يۈ «ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتى» گە ئېرىشكەن خىتاي پۇقراسى بولۇپ، فلورىدادا بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ۋاقىتلىق ئىشلىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇ، ئامېرىكىدا قانۇنسىز جاسۇسلۇق قىلىش، پۇل يۇيۇش، ساختا ئېكسپورت ھۆججەتلىرى ياساپ چىقىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قارىلانغان.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ يېقىدىن بۇيان 50 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى ئېدۋارد لىننىڭ خىتايغا ھەربىي مەخپىيەتلىكلەرنى يەتكۈزۈش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئېدۋارد لىننىڭ ئەسلى ئىسمى لىن جيېلياڭ بولۇپ، تەيۋەندە تۇغۇلغان ۋە 14 يېشىدا ئاتا - ئانىسى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن، 2008 - يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە لىن جيېلياڭ 8 ئاي ئاۋۋال ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئارىلىدىن خىتايغا قاراپ ئۇچۇش ئالدىدا قولغا ئېلىنغان. ئىدى.









