گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىدىن ھوشيار بولۇشنى ئاگاھلاندۇردى

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە ئىستىخبارات دائىرىلىرى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە سىياسىي ساھەدىكى كىشىلەرنى خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. بۇنىڭدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى قارمىقىدىكى «خەلقئارا بۆلۈم» ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان بولۇپ، گېرمانىيە قانۇنى بويىچە ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇ بۆلۈمگە ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن ئالاقىدە بولۇشى مەنئىي قىلىنىدۇ. 2023-يىلى ئىيۇلدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيەدە ئەڭ ئاكتىپ جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى خىتاي ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «بۆلگۈنچى تەشكىلات» دەپ قاراپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش شىتابى گېرمانىيەدە بولۇپ، يىللاردىن بۇيان ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك پاراكەندىچىلىك ۋە پايلاقچىلىق ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقانىدى. ئەمما خەۋەردە بۇ قېتىمقى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر بىلەن قانچىلىك ئالاقىدار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە رەھبىرى ئولاف شۇلتىز (Olaf Scholz) گېرمانىيەنىڭ سودا ۋە ئىقتىساد جەھەتتە خىتايغا تايىنىپ قېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ھەرقايسى شىركەتلەرنى خىتاي بىلەن بولغان سودا پائالىيەتلىرىدە يۈكسەك ھوشيار بولۇشقا دەۋەت قىلىپ كەلمەكتە.