ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالانغان خىتاي ئەمەلدارى ۋاڭ مىڭشەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان خىتاي ئەمەلدارى ۋاڭ مىڭشەن ئۇيغۇر ئاپوتونوم رايونلۇق سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ 25-ۋە 26-سېنتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭدا «شىنجاڭ خىزمىتى سوھبەت يىغىنى» چاقىرىلىپ ئارقىدىنلا بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ۋاڭ مىڭشەن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ يىل 7-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىكلىرىگە ئىشتىراك قىلىشى سەۋەبلىك ئىمبارگو قويۇلغان چېن چۈەنگو قاتارلىق 4 خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرى. ۋاڭ مىڭشەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى چوڭ تۇتقۇنى باشلانغان 2017-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى، نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلارنىڭ «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى»، ئۇلارنىڭ «تەن جازاسى، رەھىمسىزلىك، جىسمانىي ۋە جىنسىي خورلاش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۆلتۈرۈشتەك غەيرى ئىنسانى مۇئامىلىگە ئۇچراش» قىلمىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

«خەلق تورى» نىڭ خەۋەرىدە ۋاڭ مىڭشەننىڭ 29-سېنتەبىر چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، سۆز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئانالىزچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ مىڭشەننى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئىمبارگوسىغا رىقابەت ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭ سىياسىتى ئوزگەرمەيدۇ» دېگەن بىشارەتنى بەرمەكچى ئىكەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت