خىتاينىڭ بىڭتۇەنگە قاراشلىق بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 9 ئادەم ئۆلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.10.17

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى «شىنجاڭ بىڭتۇەنى» نىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق 6-دېۋىزىيە قارمىقىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا 13‏-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، كان ئاستىدا قالغان 10 كىشىدىن 9 نىڭ ئۆلگەنلىكى، بىرىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقە 6‏-دېۋىزىيە تەۋەلىكىدىكى جۇڭگو كۆمۈر ئېنېرگىيە شىركىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ كۆمۈر ئېلېكتر شىركىتىنىڭ كان قۇدۇقىدا يۈز بەرگەن. ۋەقە كان قۇدۇقىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىدىن كېلىپ چىققان. بىراق خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىدە، مەزكۇر كان قۇدۇقىنىڭ تەپسىلىي ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپلەپ كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كۆمۈر كان بايلىقىنى ئۆز جايىدا سەرپ قىلىش، بۇ ئارقىلىق ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى كونترول قىلىش ھەم ئۇلار ئېھتىياجلىق ئېلېكتر ئېنېرگىيىنى ئۇيغۇر ئىلىدىن تەمىنلەشنى يولغا قويۇشقا باشلىغان ئىدى.

بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆمۈر كانلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىپ مۇھىت بۇلغىنىشىنى تېزلىتىپلا قالماي، بۇ يەنە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى جەھەتتىمۇ ئېغىر بوشلۇق پەيدا قىلىپ، كان ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتاي دۇنيادىكى كان كۆمۈر كان ۋەقەلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت. 2013‏-يىلى خىتاي بويىچە ئاز دېگەندە 1039 كىشى كان ۋەقەسىدە ئۆلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.