خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ 70 يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.23

خىتاي ھۆكۈمىتى22 ‏-سېنتەبىر كۈنى «كىشىلىك ھوقۇق ئاق تاشلىق كىتابى» ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت سورىغان 70 يىلدىن بېرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە نۇرغۇن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خەلقنىڭ خۇشاللىقىنى ئىزدەش: خىتاينىڭ 70 يىللىق كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا ياشاش ھوقۇقىنىڭ1 ‏-نومۇرلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، بۇ 70 يىلدا خەلقنىڭ ھەر خىل كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ھۆرمەت قىلىنغانلىقى ۋە كاپالەتكە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئاق تاشلىق كىتابتا 1950‏-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش»، 1950‏-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش، 1960‏-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئاچارچىلىق، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىكى زىيانكەشلىكلەر ۋە دەۋرىمىزدە 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ «تېررورلۇق»، «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا لاگېرلارغا قامىلىپ، ئائىلىلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەقىب قىلىنىشى تىلغا ئېلىنمىغان. 

ئاق تاشلىق كىتابتا قەيت قىلىنىشىچە، «ئۆتكەن 70 يىلدا خىتاي مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرغان، گۈللەنگەن ۋە باي بولغان. خەلقنىڭ بارلىق تۈپ ھوقۇقلىرىغا تېخىمۇ ياخشى ھۆرمەت قىلىنغان ۋە كاپالەتكە ئىگە بولغان. خىتاي خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان» ئىكەن. لېكىن مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ب د ت دا خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىغا قارشى ھەرىكەت قوزغىغان كۈننىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىندى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مايك پومپېيو دۈشەنبە كۈنى ب د ت دا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى چاقىرغان. يىغىنغا پرېزىدېنت ترامپ، مۇئاۋىن پرېزىدېنېت مايك پەنس، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررىس قاتارلىقلار قاتناشقان. يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام سۆز قىلىپ، دۇنيانى ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.