خىتاينىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.12.08

كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا خەلقئارالىق بىر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئېچىلغان بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك «جەنۇب-جەنۇب كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» يىغىنىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي دۆلەتلىك ئۇچۇر-ئاخبارات باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا تەرەققىي قىلىۋاتقان 50 تىن كۆپرەك دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مانا بۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋاب. . . ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە چۈشىدىغان مۇتلەق ئۆلچەم يوق. ھېچكىمنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كىشىلىك ھوقۇقتىن دەرس بېرىدىغان سالاھىيىتى يوق.»

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېقىندا ئاياغلاشقان 19-قۇرۇلتىيىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ 3 سائەتلىك نۇتقىدا خىتاينىڭ دۇنياۋى زور كۈچ ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ۋە خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن خەلقئارا سەھنىدە ئاكتىپ رول ئالىدىغانلىقىدىن ئوچۇق سىگنال بەرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، «19-قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئېچىلغان بۇ يىغىن خىتاينىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا رىقابەت ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا،» دېگەن. 

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ۋىللىيام نېې بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، «ھالبۇكى خىتاينىڭ ئۆزىدىكى پىكىر، دىن ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتتىق تەقىبگە ئۇچراۋاتىدۇ،» دېگەن. 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بۇ خىل ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەسىرىنى دۇنياغا يېيىش ھەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كىشىلىك ھوقۇقتىن دەرس بەرگەنلىكىدىن ھەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر خەۋەردە خىتايدا 2012-يىلىدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە زور دەرىجىدە چېكىنىش بولغانلىقى، خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ ناتسىستلار گېرمانىيەسىدىن كېيىنكى دەۋردە تۈرمىدە ئۆلگەن تۇنجى نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. 

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، يىغىن قاتنىشىشلىرى ئاساسەن دېگۈدەك دۆلەت ئەربابلىرى، دىپلوماتلار ۋە ئاكادېمىكلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خەلقئارالىق مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ھېچقانداق ۋەكىلى بۇ يىغىنغا قاتناشمىغان. ئىگىلىنىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.