غەرب ۋە شەرقنىڭ كۆزىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.08.04

ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغىنىغا يەتمىش يىل بولغان خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتمۈشتىكى تۈرلۈك تەنقىدلەرگە سەۋەبچى بولغان ھەقلەرنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ يېقىنقى مەزگىللەردىكى خوڭكوڭ دېموكراتىيە نامايىىشى، تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن بىرلىكتە يامرىغان ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىق، كەمدىن-كەم كۆرۈلىدىغان ئېغىر كەلكۈن قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن خېلى ئوبدانلا ھالسىراپ قالغاندەك كۆرۈنگەنىدى. ئەمما يېقىنقى ئەھۋاللار نۆۋەتتىكى رېئاللىقنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىدىغان پۇرسەت بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىز ۋىرۇسنى ئوڭۇشلۇق كونترول قىلدۇق. ئەمما ئامېرىكا ئۇنداق قىلالمىدى» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرى خىتاي ئىچىدە «دۆلىتىمىز قۇدرەت تاپقانلىقى ئۈچۈن غەرب بىزنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ» دېگەن چۈشەنچىگە ئورۇن ھازىرلىماقتىكەن. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا مەنسۇپ خەۋەرلەرنى قاتمۇ-قات «سۈزگۈچ» لەردىن ئۆتكۈزۈشى خىتايدىكى كىشىلەرنى ئاساسەن «گاس» قىلىپ قويماقتا ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتايدا كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش «پارلاق كەلگۈسى» ھەمدە ياخشى خىزمەت ۋە ئەمەل تۇتۇشتىكى مۇھىم «ئۆتكەل» بولغاچقا بارغانسېرى كۆپ ساندىكى خىتاي ياشلىرى كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشقا ئىنتىلىدىكەن. بۇ خىلدىكى خىتاي ياشلىرى بولسا «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللەتچىلىك» بىلەن مېڭىسى يۇيۇلغان كىشىلەر بولغاچقا ئۇلار خىتايدىكى دىكتاتورىنىڭ يولباشچىسى بولغان شى جىنپىڭنىڭ ئەسەبىي ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ قالماقتىكەن. بۇ گۇرۇھ بولسا نۆۋەتتە ھاكىممۇتلەقلىق ۋە دىكتاتورىنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىش ئۈچۈن ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىمايدىكەن.

خىتايدىكى مۇشۇ خىل رېئاللىقنى تونۇپ يەتكەن ترامپ ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارغانسېرى ئامېرىكا ئۈچۈن زور بىر تەھدىت بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتىكەن. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ئاللىقاچان تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلانغان سوۋېت دەۋرىدىكى كومپارتىيەنى نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۆز ئەينى قايتىدىن نامايان قىلماقتاتىكەن. بۇنىڭ بىلەن ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە قارشى تەدبىر ئېلىشنى ئاللىقاچان باشلىۋەتكەن. بۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشنى چەكلەش» مەسىلىسىنى مۇھاكىمىگە قويۇشىدا ئىپادىلەنگەن. ئەگەر بۇ رەسمىي ئەمەلگە ئاشسا ئۇ ھالدا خىتايدىكى 92 مىليون پارتىيە ئەزاسى ھەمدە ئۇلارنىڭ بالا-ۋاقىسى بولۇپ جەمئىي 270 مىليونچە كىشى ئامېرىكاغا كىرىشتىن مەنئى قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى نىكسون كۇتۇپخانىسىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زومىگەرلىك لايىھەسىنى بىت-چىت قىلىش ھەمدە كوممۇنىستلار كونتروللۇقىدىكى خىتاينى ھەقىقىي يوسۇندا ئۆزگەرتىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى «سوغۇق ئۇرۇش» تۈسىنى ئېلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتىدە مۇشۇ خىلدىكى چارە-تەدبىرلەرنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىشىنى تەخمىن قىلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.