خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەكچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئىيۇل كۈنى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرز بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت 106 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى بىردىنلا ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى شى جىنپىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دا ئەرەب مەملىكەتلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب مەملىكەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ئۆزئارا سەمىمىيلىك بىلەن ئالاقىدە بولۇشىمىز، پەرقلەردىن قورقماسلىقىمىز، شۇ ئارقىلىق تاشقى مۇناسىۋەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىياتتا ئورتاق مۇزاكىرىدە بولۇشىمىز لازىم» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىنغا 21 ئەرەب دۆلىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي پەلەستىنگە 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم بەرمەكچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىيوردانىيە، لىۋان، سۈرىيە، يەمەن قاتارلىقلارغىمۇ 91 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ھەرقاچان: «قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» نى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەكىتلەيدىغان بولۇپ، سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرى بۇنىڭدىكى مۇھىم مەزمۇنلار ھېسابلىنىدىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاينىڭ بۇ خىل ياردەملىرى خۇددى ئۇيغۇرلار دىيارىغا مەبلەغ سېلىپ، توقۇنۇشنى پەسەيتمەكچى بولغىنىغا ئوخشايدۇ» دېگەن. يەنە بىر ياقتىن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باستۇرۇشلىرى توغرىلىق كۆپ نەرسە بىلىپ كەتمەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە كونترول قىلىشى چەتئەللەرگىچە كېڭەيمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئوقۇش تارىخى، نىكاھ ئىشلىرى قاتارلىقلارغا دائىر ھۆججەتلەرنى ئەكەلدۈرۈشىنى قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ كونترول قىلىشنى ئىستىمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت