ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى جۈمە كۈنى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى بىرلىكسەپ خىزمىتى، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئامېرىكىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان.

دوكلاتتا «خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانغا ئېلىپ، ئەگەر ئۇلار خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلمىسا ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا يوللاش ۋە ئۇلارنى شۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن تەھدىت سالماقتا،» دېيىلگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇنداق تەھدىت سېلىشتىكى مەقسىتى «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى يىغىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى غەربتىن سوۋۇتۇش شۇنداقلا ئۇلارنى قورقۇتۇپ، خىتايغا قارشى سۆز قىلىشتىن توسۇشتۇر» دېيىلگەن.

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكىدىكى «بازفىد» ناملىق ئاخبارات ئورنىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى مېگا راجاگوپالاننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇ خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى يوشۇرۇنچە بىر تەرەپ قىلىشتەك بىرلىكسەپ ئىستراتېگىيەسىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ب د ت نىڭ يېقىندا چاقىرىلغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى «شىنجاڭ ئىشخانىسى» نىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇ ليەنخېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەت قىلغانلىقى ۋە «ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى پۇقرالار ئەركىنلىكتىن ۋە بارلىق ھوقۇقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ،» دېگەنلىكى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە «خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بېيجىڭنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلاپ بېرىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت