ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ئېغىزىنى ئىقتىساد بىلەن يۇمدۇرۇشى دىققەتتە بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى ب د ت نىڭ دوكلاتلىرى ئارقىلىق ئاللىقاچان پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى كۈتكەندەك بولمايۋاتقانلىقى مەلۇم.

«خرىستىئان پەنلىرىنى كۆزىتىش» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق نازارەت ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ دۇنيا ئۈچۈن بىر سىناق بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى ۋە لاگېرلارنى كېڭەيتىشى توغرىلىق سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىسلام ئەسەبىيلىكىنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىدىكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دىيارىنى «ئىككىنچى سۈرىيە» ياكى «ئىككىنچى لىۋىيە» بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قالغانلىقىنى ماختىنىش بىلەن تىلغا ئالىدىكەن. ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى نىكولاس بېكولىن بۇ لاگېرلار ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي قارىشىدىكى پەرقلەر سەۋەبلىك پۈتكۈل مىللەتنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ چىقىش ھەرىكىتى» دېگەن.

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بولسا: «بۇنىڭدا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى قورقۇنچ ئارقىلىق دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتىن تولۇق ئۆزگەرتىپ چىقىشتەك بىر مۇددىئا كۆزلەنگەن» دېگەن.

ئەمما ئۇيغۇرلار بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە مۇشۇنداق زور كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقاندا دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا بولغان دىققىتى كۈتكەندەك بولمىغان. بۇنىڭدا بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلەرنى قاتتىق قامال قىلىشى، يەنە بىر ياقتىن چەتئەلدىكى مۇخبىرلارنىڭ ئۇ جايلاردا ئەھۋال ئىگىلەش شارائىتىنىڭ بولماسلىقى، شۇنىڭدەك چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىدىن ئەنسىرەپ گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىشى قاتارلىقلار مۇھىم سەۋەب ئىكەن.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلگەندە دۇنيا جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ پەلەستىن ياكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى كۆرسىتەلمىگەن. بۇنىڭدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە باش كۆتۈرۈۋاتقان يېڭى كۈچ بولۇشى ئەڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئامىللار ئىكەن. بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام مەملىكەتلىرى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس داۋن مۇرفىي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئەرەب دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى ھەرقاچان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ‹خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق› پرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىمۇ خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن بولغان ئىشلارنىڭ مىساللىرى ئىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئالغاندا يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باياناتلار ۋە گۇۋاھلىق يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ ھەقتە قاتتىق ئىپادە بىلدۈرۈشىنى بىر چوڭ ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولىدىكەن. شۇنىڭدەك دۇنيادىكى باشقا جايلار ئۈچۈنمۇ تىپىك ئۈلگە ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت