قەشقەر تەۋەسىدىكى مەلۇم بىر يېزىدا دېھقانلار قوغدىنىش پۇلى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.05.04

بىر ئۇيغۇر تورداش يولىغان ھۆججەتلىك ماتېرىيالغا قارىغاندا، قەشقەر تەۋەسىدىكى مەلۇم بىر يېزىدا دېھقانلار قوغدىنىش پۇلى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانغان.

بۇ ھەقتە توختالغان بىر مۇلاھىزىچى بۇ خىل قوغدىنىش پۇلىنىڭ مافىيە (قارا جەمئىيەت) خوجايىنلىرى تىجارەتچىلەرنى قاقتى - سوقتى قىلىپ يىغىۋالىدىغان قوغدىنىش پۇلىدىن ھېچ پەرقسىز ئىكەن.

بىزگە كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى مەكىت ناھىيە شېھىتدۆڭ يېزا چوڭقۇر مەھەللە كەنت پارتىكومى تامغا بېسىپ تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: كەنتىمىزدە تۇرۇپ كەنتىمىزنىڭ ئامانلىقىنى قوغداۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەنتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق كەنتىمىزدە تۇرۇشلۇق بارلىق ئاھالىلەردىن 2012 - يىللىق 50 يۈەندىن مۇقىملىق خىراجىتى يىغىشنى قارار قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر قارار «يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن» چىقىرىلغان.

نام - شەرىپىنى مەخپىي تۇتقان ياۋروپادىكى بىر مۇلاھىزىچى مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە بۇنىڭ مافىيەدىن پەرقى يوق. بۇ يەردە مەسىلە: كىمنى نېمىدىن قوغدايدۇ؟ بۇ ئېنىق ئەمەس. دېمەكچىمەنكى بۇ ئاتالمىش مۇقىملىق يەنە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قاقتى - سوقتى قىلىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ مەنتەقە پەقەت زوراۋان ھاكىمىيەت ياكى بىر قىسىم قارا جەمئىيەت خوجايىنلىرىغا مەنسۇپ. شۇڭا بۇ، خىتاي رەھبەرلىرىنى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا بىر قارا جەمئىيەت خوجايىنلىرى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى.

بۇ خىلدىكى تۈزۈملەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا يولغا قويۇلغان ياكى قويۇلمىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.