خىتاي مالايشىيادىن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-02-11
Share

خىتاي مالايشىيادىن بۇ دۆلەتكە قېچىپ بارغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرنى مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئاھمەد زاھىت ھامىدى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىغان. تېخى جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 11 ئۇيغۇرنى مالايشىيا ھۆكۈمىتىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئىشىدىن خەۋىرى يوقلۇقنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«جەنۇبى خىتاي سەھىرى» گېزىتىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئاھمەد زاھىت ھامىدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 ئۇيغۇر قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

جۈمە كۈنى بولسا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ 11 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مالايشىيانى بۇ قەدەمنى باسماسلىققا دەۋەت قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى رويتېرسقا: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا، خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنىي جەريانلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقى ۋە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز‏،» دېگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ ئوخشاشلا مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان.

بىراق، مالايشىيانىڭ «The Star» تورىنىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاھمەد زاھىت ھامىدى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇش ئىشىنىڭ پەقەت مالايشىيا ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ «دائىش» گۇرۇپپىلىرىغا قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقى تەكشۈرۈلۈپ خۇلاسە چىقىرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ھەمدە خىتاي تەرەپ بىلەن مالايشىيا بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرەپنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەت ئارىسىدا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى بارلىقىنى ئېيتقان.

مەزكۇر 11 نەپەر ئۇيغۇر 2017-يىلى، 11-ئايدا تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ، مالايشىيا چېگراسى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن مالايشىيا تەرەپتىن تۇتۇلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت