خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ مالىيىسىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.07.02

بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەر تارقىتىپ، خىتاي ئارمىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، چىرىكلىككە بېرىپ تاقىلىدىغان زور مەسىلىلەر بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئارمىيىنىڭ مالىيىسى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئارمىيە مالىيىسىدە پۇللارنى قالايمىقان تۇتۇپ قېلىش، قانۇنسىز ھالدا بانكا ھېسابات نومۇرى ئېچىش، ئىشلىتىلگەن پۇلنىڭ ئورنى بولماسلىق، خالىغانچە پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىشقا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرىدىكىلەر خىتاي ئارمىيىسىنىڭ پەقەتلا 2013-2014-يىللىق مالىيىسىدىلا بايقالغان ئەھۋاللار ئىكەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا چىرىكلىكنى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان. ئۇنىڭدىكى ئەڭ زور ۋە ئەڭ مۇرەككەپ نىشانلارنىڭ بىرى خىتاي ئارمىيىسى ئىدى.

بۇلتۇر 10-ئايدا خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخو چىرىكلىك، پارىخورلۇق، ئەمىلىنى سۇيىئىستېمال قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.