ۋىليام نې: «چەتئەل ئىستىمالچىلىرى ‹خۇاۋېي› مەھسۇلاتلىرىدىن ھوشيار بولۇشى لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان «ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ساقچى دۆلىتى مېخانىزمى» دا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىن بولغان «خۇاۋېي گۇرۇھى» نىڭ بۇ جەھەتتە ج خ دائىرىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىقتا بولۇشى يېقىندىن بۇيان چەتئەل ئىستىمالچىلىرىنىڭ «خۇاۋېي» ماركىلىق مەھسۇلاتلارغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

كانادادا نەشر قىلىنىدىغان «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىدە 14-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنى ساقچى سىستېمىسى قوللىنىدىغان چىراي تونۇش تېخنىكىسى، رەقەملىك نازارەت ۋە تەقلىدىي ئەقىل قاتارلىقلارنىڭ سىناق بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە «خۇاۋېي گۇرۇھى» خىتاينىڭ ج خ ساھەسى بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە «خۇاۋېي گۇرۇھى» ج خ دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە «ئىستىخبارات بىخەتەرلىكى سانائىتى» گە مۇناسىۋەتلىك يېڭىلاشقا ئىشتىراك قىلماقچى بولغان. بۇلار بولسا خىتاي نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يېقىندىن خىزمەتتە بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «خۇاۋېي گۇرۇھى» ئىزچىل ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ساقچىلار سىستېمىسىنى ئالاقىدار تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇنى «شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىشنىڭ كاپالىتى» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر گۇرۇھنىڭ تور بېېتىدە بولسا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى شۈبھىسىزكى شىركىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىرى. ئۇ مۇشۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ شەخسلەرنى شىركىتىمىزگە باغلايدۇ، شۇنىڭدەك ج خ ئىدارىلىرى بىلەن بىرلىكتە خۇاۋېي تېخىمۇ بىخەتەر ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «خۇاۋېي گۇرۇھى» نىڭ ئومۇمى كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى چەتئەل بازارلىرىدىكى «خۇاۋېي» مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىدىن كېلىدىغان بولۇپ، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىلليام نې بۇ ھەقتە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە «نۆۋەتتە شىنجاڭدا تەرەققىي قىلدۇرىلىۋاتقان نازارەت تېخنىكىسى پات يېقىندا دۇنياغا كېڭىيىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشتا ‹ئاۋانگارت›لىق رولىنى ئويناۋاتقان مۇشۇنداق بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىغا قارىتا چەتئەل ئىستىمالچىلىرى ھوشيار بولۇشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت