ئامېرىكا خىتاي ياغاچ مەھسۇلاتلىرىغا جازا بېجى قويماقچى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.09.18

ئامېرىكا خىتايدىن كېلىدىغان ياغاچ پول ۋە باشقا ياغاچتىن ياسالغان بېزەك ماتېرىياللارغا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى جازا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارالىق سودا باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتايدىن كېلىدىغان ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۆكمە قىلىپ سېتىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.

مەزكۇر ئورگان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: خىتايدىن كېلىدىغان ياغاچ مەھسۇلاتلار ئامېرىكىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆكمە قىلىپ سېتىلغان ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار خىتاي شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياردىمىگە ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بۇ سودا باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ياغاچ مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان جازا بېجى 56 پىرسەنتتىن 122 پىرسەنتكىچە بولىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن خىتاي ئېكسپورت شىركەتلىرىگە قويۇلىدىغان جازا بېجى 27 پىرسەنتكە يېتىدىكەن.

ئامېرىكا 2012-يىلىمۇ خىتايدىن كېلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى، نېفىت تۇرۇبىلىرى قاتارلىق 22 خىل مەھسۇلاتقا جازا بېجى قويغان. خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بۇ ھەقتە ئەرز سۇنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.