ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قارىشى بارغانسېرى ئۆزگەرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022-02-02
Share

خەلق رايىنى سىناشتا ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئىگە «پيۇ راي مەركىزى» نىڭ ئەڭ يېڭى راي سىناشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە ئۆتكەن بىر يىلدا زور ئۆزگىرىشلەربارلىققا كەلگەن.

2-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىنى قوللايدىغانلار ئامېرىكا خەلقىنىڭ يېرىمىغا يېقىنلاشقان (46 پىرسەنت). گەرچە كۆپ قىسىم ئامېرىكالىقلار بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ باستۇرۇلۇشى دېگەندەك تەپسىلاتلاردىن خەۋەرسىز بولسىمۇ 54 پىرسەنت كىشى خىتاينى «ئامېرىكاغا خىرىس قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارايدىكەن؛ 35 پىرسەنت كىشى بولسا خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن دۈشمەن، دەپ قارايدىكەن. خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن سودا شېرىكى، دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانى توققۇز پىرسەنت ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ قىسىم ئامېرىكا خەلقى تا يېقىنقى مەزگىللەرگە قەدەر خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن دوست مەملىكەت، دەپ قاراپ كەلگەنىكەن. ئەمما تاجسىمان ۋىرۇسى، خىتاينىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيە سەھنىسىدىكى زورلۇق-زومبۇلۇق قىلمىشى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان مۇھىم ئامىللار، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت