ۋېكتور خانسېن: «ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشەر!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىن باشلانغان تاجسىمان ۋىرۇسى 2019-يىلى نويابىردىلا بېيجىڭ دائىرىلىرىگە مەلۇم بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى سارس كېسىلىدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇۋاتقان بۇ يېڭى ۋىرۇس ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغان. نەتىجىدە مۇشۇنداق بىر قەبىھ ۋابانىڭ باشلانغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان دۇنيا ئەمدىلىكتە بۇنىڭ دەردىنى تارتىشقا مەجبۇرلانماقتا. ئامېرىكادىكى داڭلىق ئوبزورچى ۋېكتور خانسېن 19-مارت كۈنى «دۆلەتلىك باھا» ژۇرنىلىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا پىت تېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

ۋىكتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرەزلىك ھالدا ۋىرۇسقا دائىر ئۇچۇرلارنى دۇنيادىن يوشۇرغانلىقتىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشىنى مەنئى قىلغۇچە بولغان بىرنەچچە ئايدا ھەر كۈنى ئون مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسىنىڭ بىخۇدۈك ئامېرىكاغا ئۇچۇپ كەلگەن. پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان دونالد ترامپ بۇ خىل بىخەستەلىك سەۋەبىدىن ئامېرىكادا قىسمەن تەنقىدلەرگە ئۇچراشقا باشلىغاندا بولسا خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ، قىن-قىنىغا سىغماي قالغان. ئەمما، ئامېرىكا ئىقتىسادى بۇ سەۋەبتىن نەچچە ترىللىيون دوللارلىق زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە دۇنيا بويىچە كۆچمەنلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى ئەڭ كۆپ كۈتۈۋالىدىغان ئامېرىكادىكى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولۇش ۋەزىيىتى ئەمەلگە ئاشقان.

ئاپتور نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقان ۋە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ سانى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ؛ «خىتاي بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن پات يېقىندا دات، دەيدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقى خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئوبرازىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغان بىرىنچى زور ئامىل ئىكەن. چۈنكى بۇ جەھەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك رەھىمسىز ۋە ھاكىممۇتلەق بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئاشكارىلىغان. ئىككىنچىدىن، بۇ ۋىرۇس مۇنداقچە ئېيتقاندا «خىتاينىڭ ئومۇرتقىسىنى بىر قېتىم سۇندۇرغۇدەك» زەربە بولىدىكەن. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشىدىكى ئاھ-زارى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى، خىتاينىڭ غايەت زور نازارەت مېخانىزمى بەرپا قىلىشى دېگەنلەر دۇنياغا تېخىمۇ بەك ئاشكارا بولغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بويۇنتۇرۇقى» بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى تارتىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكادىكى ۋىرۇس ۋەھىمىسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ئىقتىسادىدا بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك ئەسلىگە كېلىش ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان. يېمەك-ئىچمەك، بېنزىن قاتارلىقلارنىڭ ئىزچىل ئەسلىدىكى باھادا بولۇشى، مىليونلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ قورسىقى توق ھالدا ئۆيدىن چىقماي ئۆز ئىشلىرىنى داۋام قىلىشى بىلەن تېخىمۇ يۈكسىلىشكە مېڭىۋاتقان ئامېرىكا ئىقتىسادى تېزلا ئامېرىكانى ھازىرقىدىنمۇ قۇدرەتلىك بىر سەۋىيىگە ئېلىپ چىقىدىكەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس باشلانغان مەزگىللەردىكى ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە دېڭ شياۋپىڭ باشلاپ بەرگەن «غەربلىشىش» دەۋرىدىن بۇيانقى ئەڭ ئاجىز سەۋىيىگە چۈشۈپ قالماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت