خىتايدىكى موڭغۇللارنىڭ ھايات يولى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-02-08
Share

خىتايدىكى موڭغۇللارنىڭ ھايات يولى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىچكى موڭغۇلدا بارغانچە كېڭىيىۋاتقان سانائەت ئىشلەپ چىقىرىشى مەزكۇر رايوندا ياشاۋاتقان موڭغۇللارنىڭ ھايات يولىغا ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئىچكى موڭغۇلدا تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە كۆمۈر قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار ئىنتايىن مول بولۇپ، خىتاي يىللىق كۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىشىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 4 تەن بىر قىسمىنى ئىچكى موڭغۇلدىن قېزىلغان كۆمۈرلەر تەشكىل قىلىدىكەن.

شۇ سەۋەبتىن ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان قېزىلما بايلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشى، رايوننىڭ ئېكولوگىيىسىنى بارغانچە بۇزۇپ موڭغۇللارنىڭ يايلاق مەدەنىيىتىگە ئېغىر ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلگەن.

بۇ ھادىسە ئىچكى موڭغۇلدىكى يايلاقلارنى كەڭ كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئەسىرلەردىن بۇيان چارۋىچىلىق بىلەن ھايات كۆچۈرۈپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ ھايات يولىنى ئۈزۈپ قويۇشقا باشلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ يەر - ئاستى بايلىقلىرىنى قالايمىقان ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسىگىمۇ ئېغىر ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت