خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولۇشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.06.27

«خەلق تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن 61 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ 61 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدا غەيرىي قوماندانلىق تۈرىگە 24 ئوقۇغۇچى، قوماندانلىق تۈرىگە 37 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. قوبۇل قىلىنىدىغان 61 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 60 نەپىرى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، پەقەتلا بىر نەپىرى قىز ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن كەسىپلىرى تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى، ھەربىي ئىلىم، باشقۇرۇش ئىلمى، پەلسەپە، ئىقتىسادشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، ئەدەبىيات قاتارلىق سەككىز تۈرگە چېتىلىدىكەن.

خەۋەردە گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان 61 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەتتە خىتاي مىللىتىدىن بولمىغان ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنمايدىغان بۇ مەكتەپكە بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنماقچى بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.