باھا چىقىرىلغان «بىر مىليارد كىشىنىڭ ئۇچۇرى» خىتايدىكى نازارەتنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.07.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا خىتايدىكى بىر مىليارد پۇقرانىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرى شاڭخەي شەھرىدىكى ساقچى كومپيۇتېر ئامبىرىدىن ئوغرىلىنىپ، توردا 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياكى ئون دانە «بىتكويىن» (Bitcoin) تەڭگىسىگە سېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە باھا چىقىرىلغان ئىدى.

مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ قانداق ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ھەمدە غايەت زور كۆلەم ئالغان سىستېمىلىق نازارەتنىڭ بەزى «يۈز» لىرى تەدرىجى ئاشكارا بولغان. يەنە كېلىپ بۇ خىتاي تەرەپتىن ئۇچۇر ئوغرىلاشنىڭ ئەڭ يېڭى رېكوردىنى ياراتقان.

«نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، تورغا باھا چىقىرىلغان ۋاقىتتا قوشۇمچە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم «ئۇچۇر ئۈلگىلىرى» دە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسلەر ھەققىدە نېمىلەرنى توپلايدىغانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. 1995-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىققا تەۋە بۇ خاتىرىلەردە ئۇچۇر ئىگىسىنىڭ بارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىدىن باشقا، ئۇ كىشىنىڭ «تام ئاتلاش» ئارقىلىق قايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چىققانلىقى، ئۇ كىشىنىڭ قايسى كۈنى قانداق تاماق زاكاز قىلدۇرغانلىقى ياكى قايسى كۈنى تېلېفوندا نېمىلەرنى دېگەنلىكى، بۇ كىشىنىڭ «ئىشەنچلىك دەرىجىسى» گە قانچە نومۇر قويۇلغانلىقى دېگەنلەر تولۇق خاتىرىلەنگەن. TechCrunch شىركىتى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئ‍ۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلارچە كىشىنىڭ ئەنە شۇ خىل «ساقچى ئۇچۇر ئامبىرى» دىكى مەلۇماتلار بويىچە بىر تۇتاش تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بۇنىڭدىكى بىر ئەمىلىي مىسال قاتارىدا تىلغا ئالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق نازارەت مېخانىزىمىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بەكمۇ تەپسىلىي «پاش قىلىش» دەپ قارالماقتا ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە تور ئوغرىلىقىغا قارشى تەدبىرلىرىنىڭمۇ ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.