خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدىكى ھۇجۇم نىشانىنى ئۇيغۇرلارنى تېما قىلغان چەتئەل «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىغا» قاراتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.08.02

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە غەرب تاراتقۇلىرىنى، غەربنىڭ ھۆكۈمەت ۋە سىياسىيونلىرىنى ئەيىبلەپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەمدى ھۇجۇم نىشانىنى غەرب «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى» غا قاراتقان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي توقۇپ چىقىرىلغان ئەخلەت» بولۇپ، «شىنجاڭنىڭ ئوبرازى» غا دەخلى يەتكۈزەلمەيدىكەن. بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۇ گۇيشياڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان.

بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بەزى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلاش ئ‍ۈچۈن ئۆتكۈزگەن 50 نەچچىنچى قېتىملىق ئاخبارات يىغىنى ئىدى. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ گۇيشياڭ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەخت ئىزدەش تىرىشچانلىقىغا بىرقانچە كارتون قارا سۈرتەلمەيدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن غەرب تەتقىقاتچىلىرى، تاراتقۇلىرى، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى «مەدەنىيەت بايرىقى» كۆتۈرۈۋالغان غەرب دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىش ئاۋانگارتلىرى» دەپ ئەيىبلىگەن.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يەنە بىر باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت «قاراقارش ھۆججەتلىرى» نى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىكى 311 كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «جەمئىيەتتە نورمال ياشاۋاتقان كىشىلەر» ئىكەن. بىراق ئۇ ھۆججەتتىكى قالغان كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى تىلغا ئالمىغان. «قاراقاش ھۆججەتلىرى» خوتەن شەھىرىنىڭ بوستان ئاھالىلەر رايونىدىكى 611 دىن ئارتۇق ئائىلىگە چېتىشلىق 3 مىڭدەك كىشىنىڭ ئارخىپى بولۇپ، بۇ ھۆججەت ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق باھانە-سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.