تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.10.19

تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى سەۋەبلىك 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. بۇ چاقىرىقنى تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى خې چاۋدوڭ 19-ئۆكتەبىر «تەيبېي ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مۇسابىقىنى بىكار قىلمىسا، ئۇ كەڭ كۆلەملىك بايقۇت قىلىنىشدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن. خې چاۋدوڭ بۇ چاقىرىقنى خەلقئارادا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى بارغانسېرى ئەۋجى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان كىشىلەرنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چارىمىز. ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇنى بىكار قىلمىسا، ئۇ مۇسابىقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك بايقۇت قىلىنىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئوخشاش 2-شەرمەندە خەلقئارا تەشكىلات بولۇپ قالىدۇ».

خې چاۋدوڭنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ، خىتايدا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئەڭ تېز بولغان شىنجاڭدەك بىر رايوننى 2-3 يىل ئىچىدە خىتايدىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئەڭ ئاستا رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.

خە چاۋدوڭ «تەيبېي ۋاقتى» گېزىتىدىكى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقاندا ئولىمپىك يوق» ماۋزۇلۇق چاقىرىقىدا، «نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەتتە ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيەسى دائىرلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرى دەيدىغان ئورتاق تونۇش شەكىللەندى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.