خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ناخشىسىنىڭ ئوغرىلانغان سەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-08-04
Share

ئۆتكەن جۈمە كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقلىرى ئاستىدا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى خىتايغا بېرىلدى. ئەمما نيۇيورك ۋاقتى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزمەي تۇرۇپلا خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش سەتچىلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلانغان «قار-مۇزدىكى ئۇسۇل» ناخشىسىنىڭ دېسنىي شىركىتىنىڭ «قار-مۇز فانتازىيىسى» ناملىق كارتون فىلىمىدىكى«ئۇنىڭ بىلەن ماڭ» ناملىق ناخشا بىلەن ناھايىتى ئوخشاشلىقى تىلغا ئېلىندى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىككى ناخشىدىكى مۇزىكا ۋە تېكىست جەھەتتىكى ئوخشاشلىقنى ئەڭ ئاۋۋال خىتاي تاماشىبىنلىرى بايقىغان ۋە تور بېكەتلىرىدىكى ئەركىن مۇنازىرە مەيدانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەيدىغان ئىنكاسلارنى يازغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ «ئىقتىساد ژۇرنىلى» دىكى مۇلاھىزىلەردىن نەقىل ئېلىپ، ئىككى ناخشىنىڭ مۇزىكا ئۇدارىدا ئوخشاش ئۇسلۇب ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ناخشىسى ھەققىدە 4-ئاۋغۇستقا قەدەر ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، دىسنىي شىركىتىنىڭ «قار-مۇز فانتازىيىسى» ناملىق كارتون فىلىمى ئىلگىرى ئوسكار فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پۈتۈن دۇنيا بويىچە بېلەت سېتىلىش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت