خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدە تەنھەرىكەتچىلەرنى يىرگىنىشلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.11.05

ئاۋسترالىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە 3-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسدە چىڭ تۇرۇۋېلىپ، تەنھەركەتچىلارنى يىرگىنىشلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ئ‍ۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى، ئولىمپىك تەنھەتكەتچىلىرىنى ئامالسىز ئەھۋالدا قويغان. «قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەتچىلىرى خەلئارا ئولىمپىك كومىېتى تەرىپىدىن يىرگىنىشلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى» ماۋزۇلىق بۇ ماقالىنى ئاسۋترالىيەلىك يازغۇچى ۋە ئ‍ادۋوكات كىئېران پەندېر قەلەمگە ئالغان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى تارىختىكى ئەڭ سىياسىيلاشقان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان تەنھەتكەتچىلەر ياكى سۈكۈت قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەھشىلىكىگە شېرىك بولۇش ياكى ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشنىڭ بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن. ئاپتور ماقالىسىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى توماس باخ گەرچە «ئولىمپىك سىياسەت ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق «تەنتەربىيەنىڭ ئەزەلدىن سىياسەت» ئىكەنلىكى ۋە «دەۋرىمىزدىكى ئولىمپىكلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداقلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسىنى رۇسىيەگە، تۈركمەنىستانغا، مانا ئەمدى خىتايغا ھۆددىگە بەرگەنلىكىنىڭ سىياسى ئاقىۋىتىنى ئىنكار قىلالمايدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.