ئامېرىكاغا خىتايدىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى چەكلەش سادالىرى كۆتۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى توم كوتتون يېقىندا خىتايدىن ئامېرىكاغا كېلىپ تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 27-ئاپرېل كۈنى «فوكس خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سۆزنى قىلغان.

«ياخۇ خەۋەرلىرى» نىڭ 29-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، توم كوتتون بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شۇنچە كۆپ ئادىمى دۆلىتىمىزدە ئوقۇپ قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىزنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىمىزنى ئوغرىلاش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئامېرىكانىڭ تېخنولوگىيە ۋە بازار بوشلۇقى ئۈچۈن زور تەھدىت» دېگەن. ،

توم كوتتون بۇنىڭدا ئامېرىكاغا كېلىپ تەبىئىي پەنلەر بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلغانلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھەمدە «ئەگەر خىتايلار ئامېرىكاغا كېلىپ شېكىسپېرنىڭ ئىدىيەسىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئۆگەنسە مەرھەمەت!» دېگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكادا تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى قىلمىشى كۆپلەپ پاش بولغان. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كورمۇ يېقىندا خىتاينى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە ئامېرىكاغا كېلىپ تەبىئىي پەن ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانىغا چەك قويۇشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت