مۇتەخەسسىس جەيمىس دورسېي: ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى خىتايدىن مۇستەقىل يول تۇتۇشنىڭ كويىدا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-07-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سىنگاپورلۇق مۇتەخەسسىس جەيمىس دورسېينىڭ قارىشىچە نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى خىتايغا بېقىنىپ قالماسلىق ۋە مۇستەقىل يول تۇتۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن. مەزكۇر مۇتەخەسسىسنىڭ بۈگۈن «لوبېلوگ» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، يىللاردىن بېرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئاساسى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان بولسىمۇ، ئەمما ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلمىگەن. بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ نېگىزلىك ئېھتىياجلىرىغا جاۋاب بولالمىغان؛ شۇڭا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆتكەندە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكا بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىقنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان؛ ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېفمۇ ۋاشىنگتون زىيارىتىدە ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئىشلىرىدا ئامېرىكىدىن ياردەم كۈتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. مۇتەخەسسىس جەيمىس دورسېينىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا يۈزلىنىش، بولۇپمۇ خىتايغا بېقىنىشتىن ساقلىنىڭ خاھىشى شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا قازاقىستانغا ئۇيغۇر رايونىدىن قېچىپ چىققان سايراگۈل سائۇتباينىڭ سوت جەريانى قازاقىستانلىقلاردا خىتايغا قارىتا نارازىلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلغان بولسا قازاق ئەمەلدارلارنى ئارىسالدىلىقتا قويغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى خىتايدىن مۇستەقىل يول تۇتۇش خاھىشىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان ئىجرائاتلىرى ۋە پەيدا قىلغان ئەندىشىلەرمۇ تۈرتكە بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت