كانادالىق خىتاي پائالىيەتچى يېقىندا يەنە 6 يىغىۋېلىش لاگېرىنى بايقىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.07.09

كانادالىق خىتاي پائالىيەتچى شاۋن جاڭ 7‏-ئاي كىرگەندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن يەنە 6 نى بايقىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بايقىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سانى 21 گە يېتىپ بارغان. كانادانىڭ «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» يەكشەنبە كۈنى لاگېرلار ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، شاۋن جاڭنى تونۇشتۇردى.

مەزكۇر گېزىتنىڭ ئاسىيادىكى مۇخبىرى ناتان ۋاندېركلىپنىڭ خەۋىرىدە، كانادادىكى برىتىش كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئوقۇغۇچىسى شاۋن جاڭنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بۇ سىستېمىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە، «بۇ مەركەزلەرنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاش ھازىر شاۋن جاڭنىڭ شەخسىي خىزمىتى بولۇپ قالدى. ئۇ ھازىرغا قەدەر 21 ئورۇننى بايقىغان. بۇلارنىڭ 6 سى 7 ‏- ئاي ئىچىدە بايقالدى. ئۇ مەزكۇر تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بۈگۈنكى خىتايدىكى ئەڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دەپ قارىماقتا» دېيىلگەن.

شاۋن جاڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ۋە بەزى خىتاي قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن قۇرۇلۇش توختاملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئورۇنلىرىنى تېپىپ چىققان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر لاگېرلارنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن شاۋن جاڭنىڭ بايقىشى بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۈچلۈك دەلىل بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان.

شاۋن جاڭ «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، بۇ لاگېرلار «خىتاينىڭ شىنجاڭنى تولۇق كونترول قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوقۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە يەنە ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇرشۇناس دارېن بايلېرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «بۇ لاگېرلارنىڭ شەكلى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى رەت قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە يەنە گەرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىئان زېنزنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى بايانلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئادرېئان زەنز، «سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنىڭ ئۆزى تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىغا يەكۈن خاراكتېرلىك دەلىل بولالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار مېنىڭ بايقغانلىرىمنى ئالغا سۈرىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.