خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ «ھىجاب ئېچىش» چاقىرىقى پاكىستاندا كەسكىن تەنقىدلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.03.09

«8-مارت ئاياللار بايرىمى» كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى جاڭ خېچىڭ ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە «ھىجابىڭنى ئېچىۋەت، كۆزلىرىڭنى مەن كۆرەي. شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دېگەن ماۋزۇدا يېرىم-يالىڭاچ بىر خىتاي قىزنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغان ۋىدىيوسىنى چىقارغان. ئەمما ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەيلا بۇنىڭغا قارشى قار-يامغۇردەك ئىنكاسلار يېزىلىپ، پاكىستاندا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

بۇ ھەقتە چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولغان بىر خادىمنىڭ مۇسۇلمانلار دۆلىتىدە «ھىجابىڭنى ئاچ» دەپ چاقىرىق قىلىشىنى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت، دەپ قارىغان. شۇنداقلا مۇشۇنداق بىر كالۋا ئەمەلدارنىڭ قانداق بولۇپ ئەلچىخانىدا مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقىغا سوئال قويغان. يەنە بەزىلەر بولسا «خىتاي ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجابىنى يوق قىلىۋاتىدۇ. بۇنى بىزنىڭ دۆلىىتمىزگە ئېلىپ كېلىشىڭگە رۇخسەت يوق!» دەپ خىتاب قىلغان.

«پاكىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 9-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلشىچە، جاڭ خېچىڭ شۇ كۈنىلا تىۋېتتېر بېتىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنى يۇيۇۋەتكەن. ئەمما ئۇنىڭ تىۋىتتېر بېتىنىڭ ئېكران يۈزىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغانلار بۇ سۈرەتلەرنى باشقىلار بىلەن كۆپلەپ ھەمبەھىرلىگەن. شۇنداقلا «بۇ كالۋا ئەمەلدارنىڭ قىلمىشىنى بېيجىڭغا مەلۇم قىلىپ قويايلى!»، «بۇ سامان قورساقنى پاكىستاندىن ھەيدەپ چىقىرايلى» دەپ تىل سالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.