خىتاينىڭ بىر ئولىمپىك دوختۇرى گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.09.19

بۇ يىل 79 ياشقا كىرگەن، خىتاينىڭ بىر سابىق ئولىمپىك دوكتورى يېقىندا خىتايدىن قېچىپ چىقىپ گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن.

«بۈيۈك ئېرا» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى ئىنگلىزچە سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە شۈئې يوڭشىن ئىسىملىك مەزكۇر دوختۇر خىتايدا 20 نەچچە ياش مەزگىللىرىدە بىر مەھەل ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلگەن. دۆلەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتىدا ئولىمپىكقا قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ دوختۇرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن شۆ يوڭشىن، 1980-يىللارغا كەلگەندە خىتاي دائىرىلىرى تەنھەرىكەتچىلىرىگە روھلاندۇرغۇچى ماددىلارنى ئىشلىتىشنى تاڭغان ۋاقتىدا، ئۇ كەسپىي ئەخلاقتا چىڭ تۇرۇپ، بۇنداق قىلىشقا قارشى تۇرغان.

ئۇ تەنھەرىكەتچىلەردىن بىرىگە ستېرويىد ماددىسىنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش بۇيرۇلغاندا، بۇ ۋەزىپىنى رەت قىلغان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتتە چەتكە قېقىلىشقا باشلىغان ۋە ئارقىسىدىن ساقچى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ قالغان. يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ خەلقئارا مۇسابىقىلەردە تەنھەرىكەتچىلىرىگە روھلاندۇرغۇچى قوللىنىشىنى تېڭىشىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان شۆ يوڭشىن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا بارغىنىدا دوختۇرخانا ئۇنى تەكشۈرگەن بولسىمۇ، داۋالىمىغان، داۋالىماسلىقنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرمىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يىللاردىن بېرى چەتكە چىقىشى چەكلەنگەن شۆ يوڭشىن بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئوغلى ۋە كېلىنى بىلەن بىرلىكتە خىتايدىن يوشۇرۇنچە قېچىپ چىقىپ، گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن؛ ئەمما خەۋەردە ئۇنىڭ قانداق يول بىلەن قاچقانلىقى دېيىلمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى يىللاردا خىتاينىڭ گىمناستىكا شاھى دەپ ئاتالغان لو يۇن، لى نىڭ قاتارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىگە مۇلازىمەت قىلغان بۇ مەشھۇر دوختۇر نۆۋەتتە گېرمانىيەنىڭ مانخېم مۇساپىرلار لاگېرىدا پاناھلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.