خىتاي 14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە بىئو-ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پىلانىنى تۈزگەن
2022.05.10
«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 10-ماي كۈنى 14-بەش يىللىق پىلانىنى ئېلان قىلىپ، بىئو-ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خىتاي ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى ئېلان قىلغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇ بەش يىلدا بىئو-تېخنىكا بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېببىي ساغلاملىق، يېزا ئىگىلىك، تەبىئىي ئېنېرگىيە، مۇھىم ئاسراش ۋە بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر كەسىپلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىئو-ئىقتىساد كۆلىمى ۋە سالمىقىنى ئاشۇرماقچى ئىكەن.
بۇ خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ 2025-يىلغىچە تەبىئىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئورمانچىلىق، مۇھىم ئاسراش، دورىگەرلىك، خام ئەشيا ساھەلىرىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرمەكچى ئىكەنلىكى، 2035-يىل بىئو-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال كۈچى جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بىئو-ئىقتىساد تەرەققىيات پىلانى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. چۈنكى بىئو-ئىقتىسادنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كېرەكلىك تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى، يەنى خىتاي ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان نېفىت، كۆمۈر، پاختا، ئاشلىق، مېۋە-چېۋە، ئورمان، دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىكەن. خىتاينىڭ 1999-يىل ئوتتۇرىغا قويغان «غەربنى ئېچىش» پىلانى ۋە شى جىنپىڭنىڭ بۇ رايوننى «بىر بەلۋاغ بىر يول» بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، چوڭ كارخانىلار ئارقىلىق تالان-تاراج قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئەنە شۇ ئىقتىساد پىلانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىلىپ كەلگەن.