خىتاي ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق چېكىنىشى ۋە ئامېرىكا مەركەز بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى نەتىجىسىدە خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى 2008-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.
BBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركەز بانكىسى ئالدىنقى ھەپتە ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.75 پىرسەنت ئۆستۈرگەندىن كېيىن دوللارنىڭ قىممىتى ئۆسۈپ، خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن. 28-سېنتەبىر كۈنىدىكى باھادا، خىتاي پۇلىنى دوللارغا نەقلەشتۈرگەندە بىر دوللارغا 7.2 يۈەن توغرا كەلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرىگە زىت ئىقتىسادىي سىياسەت قوللانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. خىتاي خەلق بانكىسى كوۋىد سەۋەبلىك ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتكەن بولسا، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۆسۈمنى ئۆستۈرگەن.
خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشسە خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلىغىنى خىتايدىن چېكىندۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدىكەن؛ فوربېس تورىنىڭ 27-سېنتەبىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى كومپيۇتېر تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر ياساش سانائىتىنى خىتايدىن يۆتكەپ كېتىشنى تېزلەتكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشسە خىتاي تاشقى سودىدىن پايدا ئالىدىكەن، خىتاي ماللىرى تېخىمۇ ئەرزانلىشىپ، ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج كۈچىيىدىكەن.
خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي ئىلگىرى ئۆزىنىڭ پۇلىنى پاخاللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدا تەتۈر بالانس پەيدا قىلغان، ئامېرىكا بۇنى بىلسىمۇ، بۇ قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.