خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى تۆۋەنلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018.02.10

پەيشەنبە كۈنى خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى خەلقئارا بازاردا 1 پىرسەنت تۆۋەنلەپ 2015-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.

فوكۇس سودا خەۋەرلىرى تورىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش قىممىتى يىللاردىن بۇيان 8 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولسا، چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى بىراقلا تۆۋەنلىگەن. بۇ ئىككى كۈندىكى تۆۋەنلەش نىسبىتى جەمئىي 1. 5 پىرسەنتكە يەتكەن. 

پەيشەنبە كۈنى بىر يۈەن خىتاي پۇلىنىڭ بىر دوللار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش قىممىتى 6. 32 دوللارغا چۈشكەن. 

«بلۇمبېرگ تورى» دا كۆرسىتىشىچە، خىتاي پۇل قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە پەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاكسىيە بازىرى «شاڭخەي بىرلەشمە ئىندېكسى» دا كۆرۈلگەن جىددىي تۆۋەنلەشمۇ سەۋەب بولغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، سىنگاپور AG سودا بانكىسىدىكى ئىقتىسادشۇناس جۇ خاۋ ئاكسىيە بازىرىدىكى تۆۋەنلەش ۋە سودا سانلىق مەلۇماتلىرى خىتاي پۇلىغا قارتا پەيدا قىلغان بېسىمنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا پۇللار بىلەن بولغان قىممىتىنى كۆزىتىدىغان ۋال سترېت دوللار كۆرسەتكۈچىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا 16 دۆلەتنىڭ پۇلى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش قىممىتى 1 پىرسەنت ئۆسكەن. 

خىتاي مەركىزى بانكىسى 2015-يىلى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى سۈنئىي ھالدا ئىككى پىرسەنت ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكەن ئىدى. ئەمما نۆۋەتتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىم خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەنلىگەن ئىكەن.

بۇ خىل تۆۋەنلەش ھادىسىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە كۆرۈلىدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. 

ئەمما، «خىتاي ئىقتىسادىي ۋاقىت گېزىتى» پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا خىتاي پۇلى قىممىتىدە كۆرۈلىدىغان داۋالغۇشنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جۈمە كۈنى خىتاي ئاكسىيە بازىرىدا يەنە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، تۆۋەنلەش 6 پىرسەنت ئەتراپىدا بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.