خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە تۇتۇش قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-01-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتاي مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ پۈتۈن سىياسىي، ھەربىي ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشى شۇنىڭدەك «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» نىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئۆگىنىشكە تەشكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىنىڭ خۇددى ماۋ زېدوڭدەك خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش تەشۋىقاتلىرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتاينىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

12-يانۋار كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن چاقىرىپ، كېلەر ھەپتە 19-قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى ئومۇمى يىغىنىنى چاقىرىشنى قارارلاشتۇرغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 18-يانۋار كۈنى ئېچىلىدىغان ئىككىنچى ئومۇمى يىغىندا خىتاي ئاساسى قانۇنىغا بىر قىسىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپلىرى قاراپ چىقىلىپ بېكىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدىكى بەزى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئاساسلىقى شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇندىن ئورۇن ئېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى مۇھاكىمە قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئادەتتە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئاساسىي قانۇن مۇنداق خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەيدىكەن. ئەمما، خىتاي ئاساسىي قانۇنى 4 قېتىم ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن كېيىن بىر قېتىم ئۆزگەرتىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن ئالىي ھوقۇققا ئولتۇرغان ھەر بىر كومپارتىيە داھىيسى ئۆز ئىدىيەسىنى ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزگەن، مانا ئەمدى نۆۋەت شى جىنپىڭغا كەلگەن.

خىتاي دېموكراتىك ئۆكتىچىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىمۇ دائىم سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. ئۇلار، شۇ جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ئىشلىتىش، مائارىپ ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى ئۆزلىرى بۇزۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا نارازىلىق پىكىرلىرىنى بىلدۈرگۈچىلەرنى بولسا قاتتىق جازالاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت