خىتايدىكى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

11-مارت كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قارار ماقۇللاپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى «دۆلەت رەئىسى ئىككى قاراردىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدۇ» دېگەن ماددىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ۋەقە يەنە بىر قېتىم كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇق تەختىدە چەكسىز ئولتۇرۇشىغا يول ئاچقان بۇ قارارنى كۆپ قىسىم كىشىلەر «دېموكراتىك ئىسلاھات ھەققىدىكى ئۈمىدلەرنى بەربات قىلدى» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ يېڭىدىن بىر دىكتاتورىلىق دەۋرىنىڭ باشلىنىشىدىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى بالايىئاپەتلىك يىللارنىڭ دەردىنى ھارغىچە تارتقان بۇ رەھبەرنى كىشىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ يېڭىدىن ماۋ زېدوڭ بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا» دېيىلىدۇ.

مەزكۇر ھادىسە خىتايلارنىڭ ئۆزىدىمۇ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم. «ئاۋسترالىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 12-مارتتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە «خىتاي ياشلىرى گېزىتى» نىڭ سابىق تەھرىرى لى داتوڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ ھال شۈبھىسىزكى خىتاينى ۋە خىتاي خەلقىنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭا مەن سۈكۈت قىلماسلىقىم، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇشۇم لازىم» دېگەن.

ب ب س نىڭ 12-مارتتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئۆمۈرلۈك رەئىس بولۇش ئارزۇسى چەتئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەردە خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە «شى جىنپىڭ بىزنىڭ رەئىسىمىز ئەمەس» ماۋزۇلۇق تام گېزىتلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. تۋىتتېردىمۇ «شى جىنپىڭنى توختىتىش» ناملىق ھېسابات ئاستىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەمدە مىڭلىغان كىشىلەر بۇنىڭغا ئىمزا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت