خىتايدا يېڭى ماقۇللانغان «مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى» خەلقئارا ئورگانلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.03.20

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان «مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى» نى خىتايدىكى مىليونلىغان خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت، دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ شەرقىي ئاسىيا دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىن باياناتتا مۇنداق دېگەن: «‹مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى› خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بىر سىستېمىلىق تەھدىت. خىتايدىكى مىليونلىغان خەلقنىڭ تەقدىرى ناھايىتى سىرلىق ۋە مۈجمەل بولغان ۋە قانۇندىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر سىستېمىنىڭ شەپقىتىگە باغلىق بولۇپ قالدى. يالغۇز خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بۇ سىستېما خىتايدىكى ئەدلىيە سىستېمىلىرىنى بىر چەتكە قايرىۋەتكەنلىكتىن، ئاق - قارا، ھەق - ناھەقنى ئايرىشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس».

«مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى» سەيشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا رەسمىي ماقۇللانغان ئىدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاگېنتلىقلىرى مەزكۇر قانۇننىڭ خىتايدىكى چىرىكلىككە قارشى ئۈنۈملۈك ھالدا كۈرەش قىلىشتا زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق، خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇ يېڭى قانۇننىڭ خىتايدىكى «ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش» ھەرىكىتىگە يەنىمۇ كەڭ يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، «مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ خالىغان كومپارتىيە ئەزاسىنى، بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەرقانداق بىر مەمۇرىي خادىمنى، ھاكىملارنى، ئىلمىي خادىملارنى ۋە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا ئورۇنلىرىدىكى خادىملارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، سوراق قىلىش، ھېچقانداق قانۇنىي ئەيىبلەش بولماي تۇرۇپ، 6 ئاي مۇددەت بويىچە قاماپ قويۇش، بۇ جەرياندا ئۇلارنى ئادۋوكات ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمەسلىك قاتارلىقلار ھوقۇقلارغا ئىگە بولالمايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.