خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا «ئاساسىي قانۇن» نى ئۆگىنىش ھەرىكىتى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.05.17

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئاساسى قانۇن» نى ’ئۆگىنىش نامىدا يەنە بىر يېڭى ھەرىكەت باشلىغان. بۇ ھەرىكەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئاشقۇنلىق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» كە زەربە بېرىپ، «خاتا ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇش، يەرلىك خەلقلەرگە جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى سىڭدۈرۈش» مەقسىتىدىكى رادىكال سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىر يېڭى شەكلى، دەپ قارالماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەرىكەتلەرنى «ئاسسىمىلاتسىيەنى مەقسەت قىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئاساسىي قانۇن» نى ئۆگىنىش ھەرىكىتى بۇ يىل 4‏-ئايدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت قەسەم بېرىش، ئەتىگەنلىك ئۆگىنىش، ماقالە يېزىش، تەقلىدىي سوت ئېچىش، لەگلەك فېستىۋالى، دىگىتال لوزۇنكا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مىللىي‏ ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېيچۈن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، «شىنجاڭدا ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشىگە ۋە تارىخ قارىشىغا ئىگە كۆپلىگەن مىللەتلەر ياشايدۇ. شۇڭا ‹ئاساسىي قانۇن› نى ئۆگىنىش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بىرلەشتۈرۈلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتۈرۈلىشى كېرەك،» دېگەن.

ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ سىياسىي ھەرىكەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا داۋاملىق پاراكەندىچىلىك سېلىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ياكى ئائىلە تۇرمۇشىغا ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يۇقىرىقى ھەرىكەتنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، رايوندىكى يېزا -كەنت ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا تىياتىر، ناخشا-ئۇسسۇل، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەردە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا بۇ ھەرىكەت باشلانغاندىن بېرى 736 قېتىم «ئاشقۇنلىق» قا قارشى قەسەم بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، 150 مىڭ ئايال قەسەم بېرىشكە قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.