خىتاي-قازاقىستان دائىرىلىرى 5.3 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.11.11

خىتاينىڭ قازاقىستان يېشىل كارتىسى بار قازاقلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق خەلقىگە پاراكەندىچىلىك سېلىشى ئېغىرلاشقانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي-قازاقىستان دائىرىلىرى 5.3 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان.

كېلىشىم 10-نويابىر ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان بىر سودا مۇنبىرى يىغىنىدا ئىمزالانغان. «ئازەر خەۋەرلىرى» تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كېلىشىم قازاق كارخانىچىلار بىلەن خىتاي مال سېتىۋالغۇچىلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن. 

مۇنبەرگە 13 كە يېقىن قازاق كارخانىچى ۋە 100 گە يېقىن خىتاي مال سېتىۋالغۇچى قاتناشقان. 

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، قازاقىستان مەبلەغ سېلىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خۇدىياروۋ نۇرلان 2017-يىلىنىڭ قازاق كارخانىچىلار ئۈچۈن ياخشى بىر يىل بولغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «قازاقىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، قازاق مەھسۇلاتلىرىغا خېرىدار تېپىش مەسىلىسى ئاستا ئاستا ھەل بولۇۋاتىدۇ.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قازاقىستان مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان يوشۇرۇن كۈچى بار بازار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ۋە قازاقىستان دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە شۇ خىلدىكى مۇنبەرلەردىن 7 قېتىم ئۆتكۈزگەن. بۇ جەرياندا ئىمزالانغان ئىقتىسادىي كېلىشىم جەمئىي 70 مىليون دوللارغا يەتكەن. 

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا چىققانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجگە بارغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

جازالانغانلار ئارىسىدا قازاقىستان يېشىل كارتىسى بار قازاقلارنىڭمۇ بار بولۇشى قازاقىستانلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى چەككەن. 

بۇ يىل قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان «5-نۆۋەتلىك دۇنيا قازاق قۇرۇلتىيى» دا بەزى ۋەكىللەر بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.