خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىغا 3 مىڭ ئەسكەر يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-11-29
Share


خەۋەرگە قارىغاندا، بۇلار ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىغا ۋەزىپە ئۆتەشكە يۆتكىلىدىكەن.

خىتاينىڭ سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىغا يۆتكەش قارارى، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىغان بىر يىللىق تېررورلۇققا زەر بېرىش ھەرىكىتىگە يېرىم يىلدىن ئاشقاندا ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، يېزىلارغا سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى يۆتكەش تەكلىپىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ «يۇقىرى سىياسىي ئېڭى ۋە ھەربىي تەجرىبىسى» رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرىدىكەن.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردە ۋەزىپىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ 30 ياشتىن تۆۋەن ۋە جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدىغانلىقى، تاللىنىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەرگە ئايلىقىغا 3 مىڭ يۈەندىن مائاش بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

مەزكۇر سابىق ئەسكەر خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى پەرز قىلىنماقتا.

«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئاۋسترالىيەدىكى لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى جەيمىس لەيبولدخىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالغان بارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ پەقەت شۇ جايدىكى خىتاي ئاھالىسىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت