خىتاي باش مىنىستىرى رۇسىيە زىيارىتىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.10.12


خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى لى كېچاڭ يەكشەنبە كۈنى ياۋروپا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، موسكۋاغا يېتىپ كەلدى.

لى كېچاڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى رۇسىيە - خىتاي باش مىنىستىرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئىبارەت.

رۇسىيەنىڭ «نېۋسرۇ» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، لى كېچاڭ يەكشەنبە كۈنى موسكۋادىكى «ۋنۇكوۋا - 2» ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەندە داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىنغان. ئەمما، ئۇنىڭ ئالدىغان رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترىي مېدۋېدېۋ ئۆزى چىقمىغان بولۇپ، باشقا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئەۋەتكەن.

شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى كېچاڭدىن ئىلگىرى موسكۋاغا كەلگەن جۇڭگو مۇئاۋىن باش مىنىستىرىلىرىدىن ۋاڭ ياڭ ۋە جۇڭگونىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىسى قاتارلىق شەخسلەر كۈتۈۋېلىشقا چىققان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى لى كېچاڭنىڭ موسكۋا زىيارىتى جەريانىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، باش مىنىستىر مېدۋېدېۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لى كېچاڭ بولسا، نۆۋەتتە جۇڭگو - رۇسىيە ئومۇمى يۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇق ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، لى كېچاڭ بىلەن دمىترىي مېدۋېدېۋ 13 - ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىي كۆرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچرىشىشىدا ئاساسلىقى رۇسىيە - خىتاي سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، مەبلەغ، ئېنېرگېتىكا ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ 50 ئەتراپىدا ھۆكۈمەتلەر ئارا ۋە شىركەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالىنىشى كۈتۈلمەكتە. ئەڭ مۇھىمى ئىككى تەرەپ «شەرقىي لىنىيە» بويىچە گاز تەمىنلەشكە ئائىت كېلىشىم ئىمزالىشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.