ېىيجىڭ ساقچىلىرى پىچاقلىق ھۇجۇمچىنى ئېتىپ يارىلاندۇردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.09.08


8 - سېنتەبىر بېيجىڭ چاۋياڭ رايونىدىكى بىر يولدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچىنى ئېتىپ يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

خىتاينىڭ شىنخۇا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پىچاقلىق ھۇجۇمچىنىڭ 29 ياشلىق خېيلۇڭجياڭلىق ئەر ئىكەنلىكى، ئۇ بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، بىر ئادەمنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، ساقچىلار تۇتماقچى بولغاندا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ يارىلاندۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئەمما خەۋەردە مەزكۇر پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

چەتئەل تاراتقۇلىرىدىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېرىلگەن «بېيجىڭ ساقچىلىرى بىر پىچاقلىق ھۇجۇمچىنى ئېتىپ يارىلاندۇردى» سەرلەۋھەلىك خەۋىرىدە، ۋەقەنىڭ ئاۋات بازاردا يۈز بېرىشى كىشىلەردە ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتايدا پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقى ۋە بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئادەم توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، 2014 - يىلى 1 - مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن 31 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغا پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلىنغان پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى نەقىل ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.