خىتاي تېخنىكا شېركەتلىرى «ئۇيغۇرلارنى بايقاش» ئىقتىدارلىق سىستېمىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى تىزىمغا ئالدۇرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.01.14

خىتايدىكى چوڭ تېخنىكا شېركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بايقاش، ئىز قوغلاش ۋە نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە سىستېمىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنى نازارەت سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتى تەكشۈرۈپ قېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار بۇ سىستېمىلارنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپلا تىزىمغا ئالدۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى بايقىغان.

«IPVM» تەتقىقاتچىسى چارلېس روللېت رويتېرسقا قىلغان سۆزىدە «خىتاي ساقچىلىرى بۇ تېخنىكا ئارقىلىق چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق خىتاي ئەمەس ياكى ئۇيغۇر دەپ بەلگە سېلىنغان ئادەملەرنى تەكشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇھىم تەسىرى بار،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تېخنىكانىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى تىزىمغا ئالدۇرغان خىتاي شىركەتلىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇرمىغان. بىراق ئۇلار «IPVM» غا قايتۇرغان ئىنكاسىدا پاتېنتقا ئىلتىماس قىلغانلىق بۇ تېخنىكالارنىڭ چوقۇم شۇ مەقسەتتە قوللىنىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق، «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بولسا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىدىغان بۇنداق تېخنىكالارنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا دۇنيانىڭ كۈچلۈك يوسۇندا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

«IPVM» دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك كامېرا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى «ئۇيغۇر چىرايىنى تونۇش» ئىقتىدارى بىلەن بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «Hikvision، Dahua ۋە Uniview» دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ شىركەت بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.