رۇسىيەگە ھەمنەپەس خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.01.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا ئاقساراي رەسمىي ھالدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا ھەمنەپەس بولغان بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىنى رويخەتكە تىزىپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە قوزغىغان ئۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىكنىڭ ئىسپاتى تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلى 24-فېۋرالدا رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدىلا بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار ئ‍ىكەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن خىتاي شىركەتلىرى ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ماشىنىلىرىغا «تەمىنلەش زەنجىرى» بولۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇ ئۇرۇشنى ياكى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى تەنقىدلەشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ كەلگەن. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ياراشتۇرغۇچى بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن 30 نەچچە دۆلەت رۇسىيەگە قارشى ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) نىڭ رۇسىيەگە قارشى ئېلان قىلغان ئىمبارگو چارىلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تېخىمۇ مۇھىمى رۇسىيەگە قارشى ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي جازالار تۈپەيلىدىن رۇسىيەنىڭ دۇنيا بىلەن سودا قىلىشى قىيىنغا چۈشىۋاتقاندا، خىتاي تېزدىن ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا مىقدارىنى چاقماق تېزلىكىدە ئاشۇرۇشقا باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاقسارايدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مۇناسىۋەتلىك ئەرباپلار، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ يېقىن سەۋىيىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى ھازىر ئىلگىرىكى ھەرقانداقداق ۋاقىتتىكىدىن زور بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. دەل خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى قوللاشلىرى ۋە ياردەملىرى تۈپەيلىدىن رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن. ناۋادا ئاقساراي خىتايدىكى ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ رۇسىيەنى قوللاش ھەركەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى رەسمىي باھالاپ چىققاندىن كېيىن، بۇنىڭ «غەرەزلىك ھالدا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىغا ياردەم بېرىش» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھەققىدە تېخىمۇ قاتتىق بولغان بىر قاتار تاشقىي سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.