«داخۇا» شىركىتى كامېرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-02-09
Share

دۇنيادىكى نازارەت كامېرا سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتى بۈگۈن يەنى 9-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نازارەت كامېراسى ئىشلەپچىقىرىدىغان «داخۇا» شىركىتى كامېرالىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرىدىغان ئىقتىدارى ۋە بۇ سىستېمىنىڭ قانداق قىلىپ ساقچىغا سىگنال بېرىدىغانلىقىدەك ئىشلەش جەريانى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بىر ۋىدىيو ئىشلەپ تارقاتتى. مەزكۇر ۋىدىيو تارقىتىلغاندىن كېيىن خىتاي نازارەت كامېراسى شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشقا قاتنىشىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە قوزغىدى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە يەنە ئامېرىكادىكى «لوس-ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتى» دىمۇ خەۋەر تارقىتىلدى.

خەۋەردە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نازارەت كامېراسى ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بۇ شىركەتلەرنىڭ ھېلىھەم ئامېرىكا بازىرىنى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنى كامېرا بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبە بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

خەۋەردىن قارىغاندا، داخۇا شىركىتى گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان 20 شىركەت ئىچىدە بولسىمۇ، بىراق بۇ شىركەت كالىفورنىيەدىلا كەم دېگەندە 80 ئورۇن بىلەن ئاممىۋى توختام تۈزگەن، سودىنىڭ قىممىتى 10 مىليون دوللار قىممىتىدە ئىكەن.

«IPVM» تەتقىقات شىركىتى بۇ يىل 1-ئايدا، خىتايدىكى «Hikvision، Dahua ۋە Uniview» قاتارلىق چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۆز كامېرالىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى بايقاش، ئىز قوغلاش ۋە نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلىقىنى ئاشكارىلاپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ئەينى چاغدا، بۇ خىتاي شىركەتلىرى مۇخبىرلارغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا «پاتېنتقا ئىلتىماس قىلغانلىق بۇ تېخنىكالار چوقۇم شۇ مەقسەتتە قوللىنىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس»، دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.

«لوس-ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى داخۇا قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بازارلىرىغا كىرىۋاتقان كامېرالىرىغا ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان-قوشۇلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن، بىراق ئۇ يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت