خىتاي تېز مودا شىركىتى شېئىننىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىغا چىقىشى خىرىسقا دۇچ كەلگەن

ئەنگلىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ 26-ئىيۇن ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق تاۋارلارنى تەكشۈرمەسلىكى قانۇنسىزلىق، دەپ ھۆكۈم قىلىشىدىن كېيىن، خىتاي تېز كىيىم مودا شىركىتى شېئىن (Shein)نىڭ لوندون ئاكسىيە، يەنى پايچىكى بازىرىدا پاي چېكى تارقىتىش پىلانى خىرىسقا دۇچ كەلگەن. ئىلگىرى مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن شېئىننىڭ، نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن ۋە ئۆتكەن يىلى نىشانىنى لوندون ئاكسىيە بازىرىغا يۆتكىگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيەنى بازا قىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تەشكىلاتى ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىغا خەت يېزىپ، شېئىننىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تەشكىلاتى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇتنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئەنگلىيە يۇقىرى سوتىنىڭ قارارى بار بولۇپ، ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ مەزكۇر سوت قارارىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا شېئىننىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ: «سوتنىڭ قارارى بىزنىڭ شېئىننىڭ بازارغا چىقىشىنى توسۇشىمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك سەۋەبلەرگە ئىگە قىلدى» دېگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دومىنىك ميۇللېر رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شېئىننىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىغا چىقىشىنىڭ ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئىناۋىتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دومىنىك ميۇللېرنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىدە مەسىلە بولغان ۋە تىجارەت سىجىلى بولمىغان بىر تېز مودا كىيىم سودا ئەندىزىسىنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىغا چىقىپ، يۈز مىليونلىغان فوندستېرلىڭلىق پاي چېكى سېتىشى كىشىنى بىئارام قىلىدىكەن. دومىنىك ميۇللېر: «شېئىننىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۇنى ئاكسىيە بازىرىغا چىقىرىش ئارقىلىق مۇكاپاتلاش، لوندون ئاكسىيە بازىرى، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان بانكىلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىشنى ئويلاشقان ھەرقانداق مەبلەغ سالغۇچىغا نىسبەتەن نومۇسسىزلىق» دېگەن. لېكىن شېئىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.