ئىرانغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى ئامېرىكا «قارا تىزىملىك» كە ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.08.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى ئىراننىڭ شەرقىي ئاسىيا رايونىدا نەچچە ئون مىليون توننىلىق نېفىت ۋە نېفىت-خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەملەشكەن خىتاي شىركەتلىرىگە جازا ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالتە شىركەتكە جازا ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ تۆتى خوڭكوڭدا، قالغان ئىككىسى سىنگاپور ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىكەن. بۇ شىركەتلەر ئىرانغا ئېمبارگو ئېلان قىلىنغانلىقىغا قارىماستىن ئىراننىڭ ئاسىيا رايونىدا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا يوشۇرۇن ياردەملەشكەن ھەمدە بۇنىڭدىن غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جازا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ھېچقانداق شەخس ياكى شىركەتنىڭ بۇلار بىلەن سودا ئالاقىسىدە بولۇشى مەنئى قىلىنىدىكەن. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى برايىن نېلسون (Brian Nelson) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئىران ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغانغا قەدەر ئىرانغا قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھەمدەم بولغانلارمۇ ئوخشاشلا جازالىنىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىرانغا ئېلان قىلىنغان ئېمبارگو چارىلىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئىران ھۆكۈمىتى خىتاينى پائال قوللاپ كەلگەنىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.