خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر نانلىرىنى پاكىستانغا ئېكىسپورت قىلىشنى باشلىغان
خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر نانلىرىنى پاكىستانغا ئېكىسپورت قىلىشنى باشلىغان. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ «شىنجاڭ قەشقەر نەندا يېڭى دېھقانچىلىق چەكلىك شىركىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەت تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بىر تۈركۈم نانلار قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى چېگرا ئالماشتۇرۇش سودا رايونى ئارقىلىق پاكىستانغا ئېكىسپورت قىلىنغان.
خەۋەردە بۇ نانلارنىڭ پاكىستاندا ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى، بۇندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا سېتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا چوڭ كۆلەملىك ناۋايچىلىق زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىك كەسپىي بولغان ناۋايچىلىقنى مونوپول قىلىشنى باشلىغان ۋە شەخسىي ناۋايخانىلارنى چەكلەپ، چوڭ كۆلەملىك ناۋايچىلىق زاۋۇتلىرى ئارقىلىق بىر تۇتاش تەمىنلەشنى يولغا قويغان ئىدى.
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ قەشقەر نەندا يېڭى دېھقانچىلىق چەكلىك شىركىتى» مۇ ئەنە شۇ خىلدىكى نان زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قۇل ئەمگىكىنىڭ قۇربانلىرى ئىكەن.